رۇسىيە - سېربىيە ھاۋا ئارمىيەلىرىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى باشلاندى

رۇسىيە ۋە سېربىيە ئارمىيەلىرىنىڭ ئورتاق ئۇچۇش تاكتىكىسى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى «BARS-2018» باشلاندى.

1060736
رۇسىيە - سېربىيە ھاۋا ئارمىيەلىرىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، سېربىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن مانېۋىرنىڭ ئىككى دۆلەت ئۇچقۇچى خادىملىرىنىڭ ھاۋادىكى نىشانلارغا زەربە بېرىش، ھاۋادا جەڭ قىلىش ۋە قىيىن ئۇچۇش ئۇسۇللىرىغا تايىنىپ قۇرۇقلۇقتىكى نىشانلارنى بىتچىت قىلىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇندايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق ئۇچقۇچى خادىملىرىنىڭ مىگ-29 تىلىپق ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە مى-8 تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلانلار بىلەن مانېۋىرغا قاتنىشىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، مانېۋىرنىڭ تېمىسىنىڭ «سېربىيە ھاۋا تەۋەلىكىنى قوغداش، خادىملارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى» دەپ بېكىتىلگەنلىكى قەيت قىلىندى؛ بۇنىڭدىن باشقا ئۇچقۇچىلار ئارىسىدىكى سىمسىز ئالاقىنىڭ سېرىبچە قىلىنىشى پىلانلىنىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، رۇس ئۇچقۇچىلارنىڭ ئۇچۇش دائىرىسىدە ئىشلىتىلىدىغان ئاساسلىق ئاتالغۇلارنىڭ سېرىبچىسىنى ئۆگەنگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، مانېۋىر 5 – ئۆكتەبىرگىچە داۋاملىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر