قاتار سەئۇدى ئەرەبىستان ئۈستىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلدى

قاتار دائىرىلىرى سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلدى.

1060787
قاتار سەئۇدى ئەرەبىستان ئۈستىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار ئۇزۇندىن بۇيان دىپلوماتىك كىرىزىس ئىچىدە تۇرۇۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلدى.

قاتار دائىرىلىرىنىڭ مەركىزى جەنۋەدە بولغان دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا بەرگەن ئەرزنامىسىدە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ «بېيىن»ناملىق تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ پىروگراممىلىرىنى چەكلەپ، قانالنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

قاتار مەركەزلىك «بېيىن»مېدىيا گۇرۇھىمۇ سەئۇدى ئەرەبىستانغا بىر مىليارد دوللارلىق ئېمبارگو قويۇلۇشى ئۈچۈن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلدى.

قاتار ئىقتىساد مىنستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى قاتارغا تەۋە بولغان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنى نەق مەيداندىن تارقىتىپ كېلىۋاتقان «بېيىن»تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشغا سۈكۈت قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى.

مىنىستىرلىق يەنە « By Out Que »ناملىق كومپىيۇتېر خاكېرلىرىنىڭ « بېيىن»تەنتەربىيە قانىلىنىڭ پىروگراممىلىرىنى قانۇنسىز تارقاتقاندىن سىرت، بەزى خېرىدارلارغا ساتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

قاتار رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى 2017-يىلى 23-مايدا قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم ئال سانىيەگە ۋاكالىتەن ئامېرىكاغا قارشى لېكىن ئىراننى قوللاپ بايانات ئېلان قىلغانىدى، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئاگېنتلىقنىڭ تور بېتى سىبەر ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، بۇنىڭغا قارىتا ئاگېنتلىق باياناتىنىڭ كۈچگە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن تارقىتىش بېرىدىغان ئەل-ئەربىيە ۋە  « سكاي خەۋەر ئەرەبىيە»قاناللىرى رەسمىي باياناتلارنى بېرىشنىڭ ئەكسىچە تارقىتىش بېرىشنى داۋاملاشتۇرغان بولسا سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، مىسىرغا ئوخشاش دۆلەتلەر قاتاردىن تارقىتىش بېرىدىغان بارلىق مېدىيا ئورۇنلىرىنىڭ قاناللىرىنى مەملىكەت ئىچىدە چەكلىدى.

بۇ يىل 3-ئىيۇندا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ۋاشىنگتىون ئەلچىسى يۇسۇف ئەل-ئۇتەيبەگە تەۋە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋە بەزى خاكېرلار تەرىپىدىن ئوغرىلانغان ئېلخەتلەر ئېلان قىلىندى. ئىلخەتلەردە ئەلچىنىڭ ئىسرائىلىيەنى قوللايدىغان دېموكراتىيەنى ياقلاش ۋەقپىسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بارلىقى ۋە تۈركىيە بىلەن قاتارغا قارشى سىياسەت يولغا قويۇشقا ئۇرۇنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، يەمەن، مىسىر ۋە بەھرەيىن قاتارلىق دۆلەتلەر 2017-يىلى 5-ئىيۇندا بايانات ئېلان قىلىپ، قاتار بىلەن بولغان بارلىق دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقلىرىنى جاكارلىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرەيىن ھاۋا تەۋەلىكىنى قاتارغا تاقىۋېتىپ، قاتارلىق دىپلوماتلارنىڭ 48 سائەت ئىچىدە چېگرادىن چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى. قاتارغا قارىتا يولغا قويۇلغان دىپلوماتىك مۇھاسىرە سىياسىتىگە مالدىۋ ئاراللىرى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەت تەرىىپدىن ئېتىراپ قىلىنمىغان لىۋىيە توبرۇك ھۆكۈمىتىمۇ ئاۋاز قوشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر