يەمەندە مىليونلارچە كىشى تۇرمۇش مەنبەلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، يەمەندە 4 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش يۈزىسىدىن 8 مىليون ئادەمنىڭ تۇرمۇش مەنبەسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1059259
يەمەندە مىليونلارچە كىشى تۇرمۇش مەنبەلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت نىڭ يەمەندىكى ئىنسانىي مەسىلىلەر كوردىناتسىيە ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، يەمەندىكى كىرىزىسقا دەرھال مۇداخىلە قىلىش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە، دۇنيا بانكىسىنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىشى بىلەن 264 مىڭ ئادەمگە 6 مىليون 100 مىڭ كۈن (ھەر بىرىگە ئوتتۇرىچە 23 كۈن) ئەمگەك پۇرسىتى يارىتىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، يەمەندە 8 مىليون ئادەمنىڭ تۇرمۇش مەنبەسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى، 22 مىليون 200 مىڭ يەمەنلىكنىڭ ئىنسانىي ياردەمگە موھتاج ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

يەمەندە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇۋەتكەن ھۇسىيلار، 2014 – يىلى سېنتەبىردىن بۇيان پايتەخت سەنئا (سانا) قاتارلىق بەزى رايونلارنى كونترول قىلىپ كەلمەكتە.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەرمۇ 2015 – يىلىنىڭ مارت ئېيىدىن بۇيان ھۇسىيلارغا قارشى قانۇنلۇق ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى كۈچلەرنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر