پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ب د ت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى سۈكۈتنى بۇزۇشقا چاقىردى

پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئىجرائىيە كېڭىشى باش كاتىپى سائىب ئۇرەيقات، ب د ت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى سۈكۈت قىلماسلىققا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ سادىر قىلغان جىنايەتلىرىدىن ھېساب سوراشقا چاقىردى.

1059243
پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ب د ت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى سۈكۈتنى بۇزۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سائىب ئۇرەيقات يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ سادىر قىلغان جىنايەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرمەسلىكى ۋە سۈكۈت قىلىشى، ئىشغال كۈچلىرىگە ھېساب بەرمەستىن ئۇرۇش جىنايەتلىرىنى سادىر قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش جاسارىتى بېغىشلىماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، مۇداپىئەسىز پەلەستىن خەلقىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ھېساب بېرىشىگە ئېھتىياجى بارلىقىنى تەكىتلىگەن ھالدا، ب د ت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن <ئىسرائىلىيەدىن سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنىڭ ھېسابىنى سوراش> نى تەلەپ قىلدى.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ جۈمە كۈنى تىنچلىق ئۇسۇلدا «بۈيۈك قايتىش يۈرۈشى» نامايىشىغا قاتناشقان پەلەستىنلىكلەرگە ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە 7 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان، 90 ئادەم يارىلانغانىدى. يارىلانغانلارنىڭ 35 ىنىڭ بالىلار ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر