ئەردوغان: گېرمانىيە دۆلەت مەخپىيەتلىكىمىزنى ئاشكارىلىغان جاسۇسنى بىزگە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك

گېرمانىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

1058746
ئەردوغان: گېرمانىيە دۆلەت مەخپىيەتلىكىمىزنى ئاشكارىلىغان جاسۇسنى بىزگە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، مېركېل بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، ئۇزۇندىن بۇيان بىر ئىزدا توختاپ قالغان ھەمكارلىق مىخانىزملىرىنى جانلاندۇرۇش توغرۇلۇق بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە پۇقرالىرىغا ياۋروپادا ۋىزىسىز ساياھەت قىلىشىنىڭ 6 شەرتىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئادا قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەنىڭ سۈرىيە كىرىزىسى قاتارلىق رايونلۇق مەسىلىلەردە جىددىي مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ باشقا ساھەلەردىكىگە ئوخشاشلا ئىقتىسادىي ساھەدىمۇ خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىغا ھەم كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇچرىشىشتا، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئۈنۈمى تېخىمۇ كۈچلۈك  كۈرەش قىلىشتا گېرمانىيەدىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقىمىز ھەمدە بۇ ھەقتىكى تەلەپلىرىمىز ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق.  گېرمانىيە بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرگە ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتىمىز. گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بۇ ھەقتىكى پوزىتسىيەسى ۋە بۇ توغرۇلۇق بېرىۋاتقان سىگناللىرىدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز. نۆۋەتتە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك لىق مىڭلارچە تېررورچى گېرمانىيەدە ياشاۋاتىدۇ. ئەگەر بىز بىر – بىرىمىزگە بولغان ئىشەنچ دائىرىسىدە كىمنى قەيەردە قولغا چۈشۈرسەك، شۇ يەردە دەرھال تاپشۇرۇپ بېرىشىمىز لازىم، چۈنكى بۇ ئىشىمىزنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرىدۇ. مېنىڭ گېرمانىيەنىڭ قانۇن – تۈزۈملىرىنى، سوت مەھكىمىلىرىنى تەنقىد قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولمىغىنىدەك، سىلەرنىڭمۇ تۈركىيەنىڭ قانۇن – تۈزۈملىرى، سوت مەھكىمىلىرى ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىنى تەنقىد قىلىش ھوقۇقۇڭلار يوقتۇر. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتنىڭ يۈزلەرچە ئۇنسۇرلىرى گېرمانىيەدە ياشاۋاتىدۇ. دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن گېرمانىيەگە قاچقان جان دۈندار تۈركىيە ئەدلىيە ئورگانلىرى تەرىپىدىن 5 يىل 10 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. جان دۈندار نۆۋەتتە گېرمانىيەدە  قاچقۇن ھالەتتە ياشىماقتا. شۇنى تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، تۈركىيە بىلەن گېرمانىيە جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغان. بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن جان دۈندارغا ئوخشىغان جىنايەتچىلەرنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىش ئەڭ تەبىئىي ھوقۇقىمىزدۇر. جۈملىدىن، بىزمۇ گېرمانىيەدىن ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدۇق. چۈنكى ئۇ دۆلەت مەخپىيەتلىكىمىزنى ئاشكارىلىغان جاسۇستۇر. مېركېل بىلەن ئەتە ئېلىپ بارىدىغان ئۇچرىشىشىمىزدا، تۈركىيە – گېرمانىيە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بارىمىز.»

قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل سۈرىيەلىك كۆچمەنلەرنى باغرىغا بېسىۋاتقان تۈركىيەنى ماختاپ مۇنداق دېدى: «ئۆكتەبىر ئېيىدا سۈرىيە كىرىزىسى توغرۇلۇق تۈركىيە، رۇسىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن مەنمۇ قاتنىشىدىغان تۆت تەرەپلىك ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئۇچرىشىشى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەۋاتىمىز. پ ك ك گېرمانىيەدە چەكلەنگەن، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مەسىلىسىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېھتىياجىمىز بار، تۈركىيەدە 2016 – يىلى يۈز بەرگەن  <15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى> نى ئەيىبلەيمىز، ئىلگىرىمۇ تەكىتلەپ ئۆتكىنىمدەك، بۇنى قوبۇل قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. گېرمانىيە تۈركىيەنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى ھەم گۈللىنىشىنى چىن دىلىدىن ئۈمىد قىلىدۇ. تۈركىيە بىلەن تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى خالايمىز،  بۇ دائىرىدە  ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىلىرىمىز ئارا مۇناسىۋەتلەر تېخىمۇ كۈچەيتىلىدۇ، ئالاقىلەر يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر