ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا تارقىلىشچان زۇكام سەۋەبىدىن 80 مىڭ كىشى قازا قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا بۇلتۇر قىش تارقىلىشچان زۇكام سەۋەبىدىن 80 مىڭ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1057991
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا تارقىلىشچان زۇكام سەۋەبىدىن 80 مىڭ كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كېسەللىكلەرنى كونتىرول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ باشلىقى دوكتور روبېرت رېدفىئېلد، دۆلەتتە  بۇلتۇر قىشتا تارقىلىشچان زۇكام سەۋەبىدىن 80 مىڭ كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ۋەقەنىڭ يېقىنقى 40 يىل ئىچىدە تارقىلىشقان زۇكام سەۋەبىدىن ئەڭ كۆپ ئادەم ئۆلۈپ كېتىش ۋەقەسى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى  تەكىتلىدى، ھەمدە بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى خىزمىتىنى كەڭ ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن چاقىرىقتا بولدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا 1918 – 1920 – يىللىرى مەيدانغا كەلگەن تارقىلىشچان زۇكام ۋەقەسىدە 500 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر