دونالد ترامپتىن تۈركىيەگە يەنە بىر مەدھىيە

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۈركىيەنىڭ ئىدلىب كېلىشىمىگە دائىر تىرىشچانلىقلىرى ئۈستىدە توختىلىپ تۈركىيە ئىنتايىن ياخشى. تۈرىيە بىزگە كۆپ ياردەمچى بولدى» دېدى.

1057690
دونالد ترامپتىن تۈركىيەگە يەنە بىر مەدھىيە

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 73نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى جەريانىدا، دونالد ترامپ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى.

دونالد ترامپ «سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا قەتلىئام يۈز بېرىشى مۇمكىن» دېگەن ئەھۋالنى بىر ژۇرنالىستتىن ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كېيىنچە نىيۇ يورك ۋاقىت گېزىتىدىمۇ بۇ رايون ھەققىدە كەڭ دائىرىلىق مەلۇمات بېرىلگەن بىر خەۋەرنى ئوقۇغانلىقىنى ئېيتتى.

دونالد ترامپ بۇنىڭغا قارىتا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جون بولتونغا مەخسۇس بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىران ۋە رۇسىيەنىڭ ياردىمى بىلەن مىليونلىغان ئىنسانلارنى قەتلىئام قىلىشىنى توسۇپ قىلىشقا بۇيرىغانلىقىنى چۈشەندۈردى.

ئىدلىبتە قەلىئام يۈز بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مەمنۇن بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان دونالد ترامپ، «مىليونلىغان ئىنسان ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا ئىدى ۋە بۇ بىر نۇمۇس قىلارلىق ئىش ئىدى. شۇنىمۇ بىلدۈرۈپ ئۆتەيكى، تۈركىيەنىڭ ناھايىتى چوڭ ياردىمى بولدى. تۈركىيە ئىنتايىن ياخشى. تۈركىيە بۇ بارلىق مەسىلىلەردە بىزگە كۆپ ياردەمچى بولدى» دېدى. 

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 17سىنتەبىر كۈنى سوچىدە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىز پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئىدلىبتە قورالسىزلاشتۇرۇلغان بىر رايون قۇرۇپ چىقىش كېلىشىمى تۈزگەن ئىدى. 

دونالد ترامپ تۈنۈگۈنمۇ ئىدلىپ كېلىشىمى ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن رۇسىيەگە ئالاھىدە رەخمەت ئېيتقان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر