رۇھانىي ئايرىم - ئايرىم ھالدا مېي ۋە ماكرون بىلەن كۆرۈشتى

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىرېسا مېي ۋە فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون بىلەن كۆرۈشتى.

1056929
رۇھانىي ئايرىم - ئايرىم ھالدا مېي ۋە ماكرون بىلەن كۆرۈشتى
ruhani-macron.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 73 – نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا ئشىتىراك قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىگە بارغان ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، دەسلەپتە ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىرېسا مېي بىلەن كۆرۈشتى؛ ئىران پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ ئۇچرىشىشنىڭ مەزمۇنىغا ئالاقىدار يازما باياناتىغا قارىغاندا، رۇھانى، يادرو كېلىشىمىنىڭ ئىقتىسادىي ساھەدىكى رولىنى جارى قىلدۇرالىشى ئۈچۈن ھەمكارلىق ۋە كېڭىشىش مۇساپىسىنىڭ پائاللاشتۇرۇلۇشى لازىملىقىنى ئېيتقان.

دۆلىتىنىڭ ئەنگلىيە بىلەن ھەر قايسى ساھەلەر بويىچە مۇناسىۋەتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەسەن رۇھانى، بانكىچىلىق ساھەسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ گۈللىنىشىنىڭ ئىقتىسادىي، سودا ۋە سېلىنما ساھەلىرىدىمۇ ئىجابىي ئەكس ئېتىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

تىرېسا مېيمۇ يادرو كېلىشىمىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ۋە ئىران بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ساھەلەردىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ گۈللىنىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

رۇھانى – ماكرون ئۇچرىشىشىدىمۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا، ئىقتىساد، مالىيە ۋە ئېنېرگىيە ساھەلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىرى شۇنداقلا ھەمكارلىقىنىڭ راۋاجلاندۇرۇلۇشى يولىدا تاشلانغان قەدەملەرنىڭ تەكىتلەپ ئۆتۈلگەنلىكى؛ ئىران بىلەن فىرانسىيە ئارىسىدىكى ھەمكارلىققا توسقۇنلۇق قىلىدىغان بىرەر ئامىلنىڭ يوقلۇقىنىڭ قەيت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھەر ئىككى پىرېزىدېنتنىڭ يادرو كېلىشىمىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى توغرىسىدا ھەمپىكىر ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر