قاتار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 1 مىليون قىزنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانى 2021 – يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 1 مىليون قىزنىڭ ئوقۇش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەمىر تەمىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ نىيۇ يوركتىكى باش مەركىزىدە، كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدونىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، توقۇنۇش ۋە قىيىن شارائىت ئاستىدىكى قىز بالىلارنىڭ ئوقۇش ئىشلىرى ھەققىدە مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە «رەھبەرلەر دىيالوگى» نامى ئاستىد ئىشقا ئاشۇرۇلغان «يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى» دا قىلغان سۆزىدە، قاتارنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مائارىپ ئىشلىرىغا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ دۆلىتىنىڭ خەلقئارالىق تەرەققىيات پىروگراممىلىرىغىمۇ ئەكس ئەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قاتارنىڭ «بىر بالىلىنى ئوقۇتۇڭ» سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى ئارقىلىق، ئوقۇش شارائىتىغا ئېرىشەلمىگەن 10 مىليون بالىغا ئوقۇش شارائىتى يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، جۈملىدىن، قاتارنىڭ 2021 – يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 1 مىليون قىز بالىنىڭ ئوقۇش ئىشلىرىغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
يىغىندا، رەھبەرلەر مۈشكۈل شارائىت ئاستىدا قىز بالىلار ۋە ئاياللارنىڭ ئوقۇش ئىشلىرىنىڭ ئالدىدىكى توسالغۇلارنى قانداق پاچاقلاپ تاشلاش ۋە قىيىن ئۆتكەللەردىن قانداق ئۆتۈش مەسىلىسى ھەققىدە بەس – مۇنازىرە ئېلىپ باردى.