ناتو باش كاتىپى رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو باش كاتىپى جېنس سىتولتېنبېرگ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى.

1057009
ناتو باش كاتىپى رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو باش كاتىپى جېنس سىتولتېنبېرگ، رۇسىيە بىلەن ناتو ئارىسىدا نۇرغۇن مەسىلىدە كەسكىن ئىختىلاپ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئەھۋالنى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 73-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنلىرىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ نىيۇيورك شەھىرىگە بارغان باش كاتىپ ستىتونلتېنبېرگ، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتقان باش كاتىپ: ناتو  بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا نۇرغۇن مەسىلىدە كەسكىن ئىختىلاپ مەۋجۇت، بۇنى ھەل قىلىشنىڭ يولى دىيالوگدۇر، دېدى.

باش كاتىپ سىتولتېنبېرگ كۆرۈشۈشتە ھەربىي مانېۋىر مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە رۇسىيەنىڭ «ۋوستوك»ناملىق ھەربىي مانېۋىرى، ناتونىڭ «تىرىدېنت جۇنكتېر» ناملىق ھەربىي مانېۋىرى توغرىسىدا لاۋروۋ بىلەن ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

كۆرۈشۈشتە ناتونىڭ ئۇكرائىنادىكى «رۇسىيەنىڭ ھەربىي پائالىيەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى»مۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنلىكىنى دېگەن باش كاتىپ، ناتونىڭ سالىسبۇرىي ھۇجۇمىدىن كېيىن ئەنگلىيە بىلەن قويۇق ھەمكارلىشىشقا باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

سىتولتېنبېرگ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ بىلەن ئالاقەنى ساقلاپ قېلىش مەسىلىسىدە كېلىشكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ: #ناتو , #رۇسىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر