ماكرون ئامېرىكانىڭ سۈرىيەگە تۇتقان پوزىتسىيەسىدىن مەمنۇن

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون ئامېرىكانىڭ سۈرىيەگە تۇتقان بۇرۇنقى پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1057081
ماكرون ئامېرىكانىڭ سۈرىيەگە تۇتقان پوزىتسىيەسىدىن مەمنۇن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ئامېرىكانىڭ سۈرىيە مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ماكرون ئامېرىكادا ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت 73-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا سۆز قىلغاندىن كېيىن، مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

ب د ت 73-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنلىرى دائىرىسىدە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ماكرون، ترامپ بىلەن بەزى مەسىلىلەردە ئوخشاش پىكىرگە،  بەزى مەسىلىلەردە بولسا ئوخشاش پىكىرگە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىدە ئۆزگىرىش  بولدى، بۇنىڭدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلدىم، دېدى.

ماكرون ترامپنىڭ ئىدلىبكە ياردەم بۇيۇملىرى يەتكۈزۈش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەنلىكىنى، ترامپ بىلەن سۈرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشتا ئوخشاش پىكىرگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.  

سۈرىيەدە ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتى ۋە سايلام مەسىلىسىدە ئامېرىكانىڭ كۈچ چىقىرىشى لازىملىقىنى ئېيتقان ماكرون، ئىران يادرو كېلىشىمى مەسىلىسىگە ترامپنىڭ باشقىچە  قارايدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتتى.

ماكرون ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ بېسىقتۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىران مەسىلىسىنىڭ بۇرۇنراق ھەل بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

«ئامېرىكانىڭ پارىژ كىلىمات كېلىشىمىنى قايتىدىن ئىمزالىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، لېكىن بۇ ئىش پات يېقىندا بولمايدۇ»دېگەن ماكرون، فىرانسىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ  خەۋپسىزلىك ۋە رايوندىكى كىرىزىسلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن  ھەمكارلاشقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر