ياپونىيە «süpersonik» ئاۋاز سۈرئىتىدىنمۇ تېز سۈرئەتلىك بومبا ئىشلەپچىقىرىدۇ

ياپونىيە ئاۋاز سۈرئىتىدىنمۇ تېز سۈرئەتلىك بومبا ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ئۈستىدە جىددىي تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارماقتا.

1056587
ياپونىيە «süpersonik» ئاۋاز سۈرئىتىدىنمۇ تېز سۈرئەتلىك بومبا ئىشلەپچىقىرىدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە مەتبۇئانلىرىدا ئېلان قىلنغان خەۋەرلەگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەسئۇللىرى ياپونىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن يېڭى ئەۋلاد «süpersonik» (ئاۋاز سۈرئىتىدىنمۇ تېز سۈرئەتلىك» باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى 2025يىلغىچە ئىشلەپچىقىرىپ بولىدىغانلىقى بىلدۈرگەن.

مەسئۇللار «süpersonik» (ئاۋاز سۈرئىتىدىنمۇ تېز سۈرئەتلىك» بومبىمىنى ئىشلەپ چىقىرىش ئۈچۈن دۆلەتنىڭ خامچوت ئاجرىتىپ بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.

دايتو بنۇكىيو ئۇنىۋېرسىتېتى مەسئۇللىرىدىن گاررېن مۇللوي بۇ يېڭى ئەۋلاد بومبىنىڭ قويۇپ بېرىلىگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئۈچۈن لايىھەلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئاپتومبىلدىن ئاتقىلى بولىدىغان ياكى باسقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىدىن قويۇپ بېرىلىدىغان بۇ يېڭى بومبىنى توسۇپ قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ «hipersonik» (ئاۋاز سۈرئىتىدىنمۇ پەۋقۇلئاددە يۇقىرى سۈرئەتلىك) باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەپچىقىرىش مەقسىتىدە، 57 مىليون دوللار خامچوت ئاجراتقانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ 2023يىلىدىن 2025يىلىغىچە بولغان جەرياندا سىناق قىلىنىشى پىلانلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر