مېكسىكىدا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتى نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامېن بولدى

مېكسىكىنىڭ غەربىي قىسمىغا تەسىر كۆرسەتكەن قارا يامغۇردىن كېيىن يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتى 5 كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولدى.

1056272
مېكسىكىدا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتى نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامېن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىچوئاكان ئۆلكىسى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پېرىبان شەھىرىدىكى قارا يامغۇر كۇتىئو دەرياسىنىڭ تېشىشىغا سەۋەب بولغان، يوللىرىنى سەل سۇلىرى بېسىپ كەتكەن شەھەردە 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 9 كىشى يوقاپ كەتكەن بولۇپ، يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۇ ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ ئىككىسى بالا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر