مادۇروغا قىلىنغان سۇيىقەستنىڭ پەردە ئارقىسى ئايدىڭلاشماقتا

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇروغا سۇيقەست قىلىش ئۇرۇنىشىنىڭ ئارقىسىدا 3 لاتىن ئامېرىكا دۆلىتى دېپلوماتلىرىنىڭ رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

1056261
مادۇروغا قىلىنغان سۇيىقەستنىڭ پەردە ئارقىسى ئايدىڭلاشماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا ئۇچۇر ئالاقە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مەسئۇلى جورگ رودرىگۇز پايتەخت كاراكاستا بەرگەن باياناتىدا، گولومبىيە، چىلى ۋە مېكسىكا ئەلچىخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان خادىملارنىڭ سۇيىقەستكە ئۇرۇنغۇچىلارغا يا يادەم قىلغانلىقىنى ۋەياكى ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

جورگ رودرىگۇز سۇيقەستقكە ئۇرۇنۇشقا چېتىشلىق نازارەتكە ئېلىنغانلاردىن بىرسىنىڭ باياناتىدا، ھۇجۇمنىڭ پەردە ئارقىسىدا چىلى ئەلچىخانىسىنىڭ رولى بارلىقىنى ئىما قىلغانلىقىنى، باشقىلىرىنىڭ بولسا، كولوبىيەگە يېقىن جايدا تەربىيەلەنگەنلىكلىرىنى ئېتىراپ قىلغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

جورگ رودرىگۇز لاتىن ئامېرىكا دۆلەت دائىرىلىنى بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش باشلاشقا چاقىرىق قىلىپ، «نازارەتتە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقانلارنىڭ ئېتىراپلىرىنى، مېكسىكا، چىلى ۋە كولومبىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرىغا يوللاشقا تەييارمىز» دېدى.

ۋېنېزۇئېلا دائىرىلىرىنىڭ ئالدىنقى كۈنى سۇيقەستكە ئۇرۇنۇش دېلوسىغا ئالاقىدار يەنە 3 كىشىنى نازارەتكە ئالغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

كولومبىيە، چىلى ۋە مېكسىكا جورگ رودرىگۇزنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى.

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ئالدىنقى ئاي پايتەخت كاراكاستا بىر مۇراسىمدا نۇتۇق سۆزلەۋاتقان پەيتتە پارتلاتقۇچ قاچىلانغان ئۇچقۇچىسىز ئاپىراتلار بىلەن ھۇجۇم قىلىنغان ئىدى.

ھۇجۇمدا پىرېزىدېنت مادۇرو يارىلانماستىن قۇتۇلۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما 7 ئەسكەر يارىدار بولغان ئىدى.

ئۆزلىرىنى «مايكىلىق ئەسكەرلەر» دەپ ئاتىشىۋالغان بىر گۇرۇپپا تىۋىتتېردا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر