گېرمانىيە: ئامېرىكانىڭ قارارلىرىنى تۋىتتېردىن بىلىۋاتىمىز

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھايكو مائاس ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى كۆپ تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەردە ئۆزئارا ئۇچرىشىشلارغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن قۇرۇلمىلىق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

1056196
گېرمانىيە: ئامېرىكانىڭ قارارلىرىنى تۋىتتېردىن بىلىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھايكو مائاس بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە كېلىشىم بويىچە قارار ئېلىنغانلىقىنى، بىراق ئەمدىلىكتە بولغاندا ئامېرىكانىڭ بەزى قارارلارنى تۋىتتېردىن بىلگەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھايكو مائاس «DPA» ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر بويىچە مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقلىرىنى، بارلىق ساھەلەر بويىچە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن قارارلانى چىقارغانلىقلىرىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ھازىر ئەمدى ئامېرىكانىڭ بەزى قارارلىرىنى تۋىتتېردىن بىلىۋاتىمىز، بەزىدە ئامېرىكا خەلقىنىڭمۇ ئاقساراينىڭ قارارلىرىنى تۋىتتېردىن خەۋەر تېپىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇ ئۆزئارا ھەمكارلىقلارغا تەسىر قىلىدۇ» دېدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەنە مۇنداق دېدى:

«نۇرغۇن كىشى ھېچ ئىش قىلماي لىۋىنى لىۋىگە چىشلەپ ئۆتكۈزۈۋەتسە، ترامپمۇ كېتىدۇ، ئۇ كەتكەندىن كېيىن، ھەممە ئىش بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئوڭشىلىپ كېتىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. مېنىڭچە بۇ خاتا پەرەز. دۆلەتلەردىن ھالقىغان مۇناسىۋەتلەردە قۇرۇلمىلىق ئۆزگىرىشلەر بار. بۇ ئەھۋالدا گېرمانىيە ۋە ھەممىدىن بۇرۇن ياۋروپادا ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىن تەييارلىنىپ ئۆزىمىزنى ماسلاشتۇرۇشىمىز لازىم» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئىران بىلەن بولغان يادرو پىروگراممىسى ۋە ترامپنىڭ ئاليۇمىن بىلەن پولات مەھسۇلاتلىرىغا ئېمبارگو قويۇشى نەتىجىسىدە يامانلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر