خىتاي بىلەن ۋاتىكان كېلىشىم ئىمزالىدى

ۋاتىكان بىلەن خىتاي پوپ تەيىنلەش مەسىلىسى توغرىسىدا ۋاقىتلىق كېلىشىم ئىمزالىدى.

1055446
خىتاي بىلەن ۋاتىكان كېلىشىم ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋاتىكان بىلەن خىتاي ئارىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان مەسىلە بولۇپ كېلىۋاتقان پوپ تەيىنلەش مەسىلىسى توغرىسىدا ۋاقىتلىق كېلىشىم ئىمزالاندى.

ۋاتىكان ئۇچۇر-ئالاقە ئىشخانىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، كېلىشىمنىڭ بېيجىڭدا ۋاتىكان دۆلەتلەرئارا مۇناسىۋەتلەر مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن مىنىستىرى ئانتونيو كامىللەر بىلەن خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ چاۋ تەرىپىدىن ئىمزالانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كېلىشىمنىڭ قەرەللىك دىيالوگنىڭ نەتىجىسىدە ئىمزالانغانلىقى باياناتتا، كېلىشىمنىڭ پەيدىنپەي ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «كېلىشىم چېركاۋنىڭ مەۋجۇدلۇقى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان پوپنى تەيىنلەشكە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تېخىمۇ كۈچلۈك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپ مەزكۇر كېلىشىمنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ۋە خىتاي خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ۋە دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن خىتايدىكى كاتولىك چېركاۋلىرىنىڭ مەجۇدلۇقىغا پايدىلىق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.»

مەزكۇر كېلىشىم ئارقىلىق پاپانىڭ رۇخسىتى بولماي تۇرۇپمۇ ئۇنۋانغا ئېرىشكەن بارلىق پوپلارنىڭ پاپا بىرلىكىگە قوبۇل قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا: «پاپا فىرانكىسكۇس چىقىرىلغان قارارلارنىڭ ئۆتمۈشتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە خىتايدىكى كاتولىكلارنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق خىزمەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىدا رول ئوينىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ»دېيىلدى.

بۇ توغرۇلۇق بايانات بەرگەن ۋاتىكان ئۇچۇر-ئالاقە ئىشخانىسى مۇدىرى گىرېگ بۇركېمۇ مەزكۇر كېلىشىمنىڭ ئىككى  دۆلەت ئارىسىدىكى دىيالوگنىڭ  خاتىمەسى ئەمەس مۇقەددىمىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

بۇركې مۇنداق دېدى: «كېلىشىمنىڭ مەقسىتى سىياسىي بولماستىن  بەلكى ھەم  رىم بىلەن ئالاقە ئىچىدە بولغان ھەمدە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىنمۇ ئېتىراپ قىلىنغان پوپلارغا مۇناسىۋەتلىكتۇر.»

خىتاي دائىرىلىرى مەملىكەت ئىچىدىكى پوپلارنى ئۆزلىرىنىڭ تەيىنلىشى كېرەكلىكىنى، خىتايدىكى پوپلارنى ۋاتىكاننىڭ تەيىنلىشىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋاتىكان دۆلىتىنىڭ خىتايدىكى چېركاۋلارغا پوپ تەيىنلىشىنى ئېتىراپ قىلماي كېلىۋاتاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر