دانىيەدە بىر گۇرۇپپا تۈرك ياشلارغا ماسكا تاقىۋالغان كىشىلەر قوراللىق ھۇجۇم قىلدى

دانىيەدە كىملىكى نامەلۇم ماسكا تاقىۋالغان كىشىلەر بىر گۇرۇپپا تۈرك ياشلارغا ئوق چىقاردى.

1055476
دانىيەدە بىر گۇرۇپپا تۈرك ياشلارغا ماسكا تاقىۋالغان كىشىلەر قوراللىق ھۇجۇم قىلدى
danimarka saldiri1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى كۆرۈلمىدى، بىراق توختىتىپ قويۇلغان ئاپتوموبىل زىيانغا ئۇچرىدى.

ۋەقە دانىيەنىڭ پايتەختى كوپېنھاگېننىڭ غەربىدىكى تۈركلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان ئىشۇج شەھىرىدە يۈز بەردى.

تۈرك ياشلار بىر ماي قاچىلاش پونكىتىدا ئۆزئارا سۆھبەتلىشىۋاتقان پەيتتە، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر ئاپتۇموبلىدىكى يۈزلىرىگە ماسكا تاقىۋالغان كىشىلەر ئوق چىقاردى.

قوراللىق ھۇجۇمدا توختىتىپ قويۇلغام ئاپتوموبىل زىيانغا ئۇچرىدى.

ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ 3 پاي ئوق چىقارغانلىقى ۋە تىز سۈرئەت قېچىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

شەھەردە يېقىنقى ھەپتىلەردىن بۇيان 2 قېتىم قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ساقچىلار رايوننى چەمبەرلىك كۆزىتىش رايونى ئېلان قىلدى.

جەمبەرلىك كۆزىتىش رايونى قائىدىلىرىگە بىنائەن ئامانلىقنى ساقلاش كۈچلىرى سوتنىڭ قارارىنى ئالماي تۇرۇپمۇ پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىنى، ئۈستى بېشىنى ۋە ئاپتوموبىلىنى تەكشۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ.

دانىيە مىقياسىدا يېقىن بىر ھەپتە ئىچىدە 9 ئوخشاش بولمىغان جايدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ۋە بىر قانچىلىغان پۇقراغا ئوق تەگكەن ئىدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر