ئامېرىكىدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مارىلاند ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1053880
ئامېرىكىدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مارىلاند ئىشتاتىنىڭ ئابېردېن شەھىرىدىكى بىر دورا ۋە ۋىتامىن تارقىتىش مەركىزىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 3 كىشى يارىلانغان.

مارىلاند ئىشتاتىغا قاراشلىق ھارفورد رايونىنىڭ مەسئۇلى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «سپۇسۇتىئا يولى بىلەن پېرمان يولى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا كۆپ ساندا كىشى قازا قىلدى.»

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كىملىكى تېخىچە ئېلان قىلىنمىغان 26 ياشلىق ئايال زوراۋان دورا تارقىتىش مەركىزىگە بېسىپ كىرىپ، ئەتراپقا قالايمىغان ئوق چىقىرىشقا باشلىغان، ساقچىلارنىڭ مۇداخىلە قىلىشى نەتىجىسىدە ئېغىر يارىلانغان زوراۋان دوختۇرخانىدا ئۆلگەن.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارنىڭ  Associated Press'كە بەرگەن باياناتىدا ئەسكەرتىشىچە، قوراللىق ھۇجۇمدا 3 كىشىنىڭ قازا قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر