ۋېيتنام دۆلەت رەئىسى ئۆلدى
ۋېيتنام دۆلەت رەئىسى تران دەيچۇئاڭ 61 يېشىدا ئۆلدى.
1054261
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېيتنام دۆلەتلىك رادىيو ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چۇئاڭ شۇ جاي ۋاقتى سائەت 3 تىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە ھاياتىدىن ئايرىلغان.
2016 – يىلى 2 – ئاپرېل كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا % 91 ئاۋازغا ئېرىشىپ، پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان تران دەيچۇئاڭ ئۇدا بىر يىلدىن بۇيان خەلق ئارىسىدا كۆرۈنمەيۋاتاتتى.