ترامپ: نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى نېفىت باھاسىنى چۈشۈرۈشى لازىم

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە ئوتتۇرا شەرق ئەللىرى بىلەن نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سەۋەبچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1053851
ترامپ: نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى نېفىت باھاسىنى چۈشۈرۈشى لازىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنىڭ جاۋابكارىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئەللىرى بىلەن نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى، ھەمدە نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نېفىت باھاسىنى چۈشۈرۈشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىنى قوغداۋاتىمىز، ئەگەر بىز بولمىساق، ئۇلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت بىخەتەر ھالدا ياشىيالىشى مۇمكىن ئەمەس، ھالبۇكى، ئۇلار نېفىت باھاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىۋاتىدۇ، بىز ئۇلارغا بۇنى ئوبدان خاتىرىلىتىپ قويىمىز، نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى نېفىت باھاسىنى دەرھال چۈشۈرۈشى كېرەك.»

ترامپ ئىلگىرىمۇ نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى نېفىت باھاسىنى سۈنئىي شەكىلدە ئۆستۈرۈش بىلەن ئەيىبلىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر