ترامپ دۆلەت سىبەر خەۋپسىزلىك ئىستىراتېگىيە لايىھەسىنى تەستىقلىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ دۆلەت سىبەر خەۋپسىزلىك ئىستىراتېگىيە لايىھەسىنى تەستىقلىدى.

1053938
ترامپ دۆلەت سىبەر خەۋپسىزلىك ئىستىراتېگىيە لايىھەسىنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، سىبەر ھۇجۇملىرىغا قارشى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى ئېلىشنى مەزمۇن قىلغان  دۆلەت سىبەر خەۋپسىزلىك ئىستىراتېگىيە لايىھەسىنى تەستىقلىدى.

ئاقساراي دۆلەت مەسلىھەتچىسى جون بولتون دونالد ترامپنىڭ بۇ ئىستىراتېگىيە لايىھەسىنى ئىمزالىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن بولتون، 15 يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم بىر سىبەر ئىستىراتېگىيە لايىھەسىنىڭ پىرېزىدېنت تەرىپىدىن ئىمزالانغانلىقىنى ئېيتتى.

مەزكۇر سىبەر ئىستىراتېگىيە لايىھەسىنىڭ بۈگۈندىن باشلاپ  ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن بولتون:  ئامېرىكاغا سىبەر ھۇجۇمى قوزغىغان ھەر  قانداق شەخس ياكى دۆلەتكە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىمىز، دېدى.

ئاقساراي تەرىپىدىن ئېلان  قىلىنغان مەزكۇر ئىستىراتېگىيە لايىھەسىدە ئامېرىكانىڭ مۇھىم ئاساسىي قۇرۇلۇشلىرى ۋە ئورگانلىرىنىڭ سانلىق-مەلۇمات ئامبارلىرى ۋە سىستېمىلىرىنىڭ سىبەر ھۇجۇملىرىغا قارشى بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەكلىكى تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكادا سىبەر ھۇجۇمى سادىر قىلغانلارغا قارشى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

سىبەر ھۇجۇمىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن مەخسۇس بىر ئورگاننىڭ قۇرۇلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان ئىستىراتېگىيە لايىھەسىدە، ئامېرىكىنى خەلقئارادا  سىبەر خەۋپسىزلىك ساھەسىدە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۇرۈشنىڭ پىلانلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

مەزكۇر ئىستىراتېگىيە لايىھەسىدە يەنە ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا سىبەر خەۋپسىزلىك قائىدە-پىرىنسىپلىرى ۋە ئۆلچەملىرىنى بېكىتىش خىزمەتلىرىگە باشچىلىق قىلىشى كېرەكلىكى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭغا رىئايە قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر