تانزانىيەدە بىر يولۇچىلار كېمىسى دۈم كۆمتۈرۈلۈپ كېتىپ نۇرغۇن يولۇچى قازا قىلدى

تانزانىيەنىڭ ۋىكتورىيە كۆلىدە بىر يولۇچىلار كېمىسى دۈم كۆمتۈرۈلۈپ كېتىپ 79 ئادەم قازا قىلدى.

1053939
تانزانىيەدە بىر يولۇچىلار كېمىسى دۈم كۆمتۈرۈلۈپ كېتىپ نۇرغۇن يولۇچى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تانزانىيەنىڭ ۋىكتورىيە كۆلىدە بىر يولۇچىلار كېمىسىنىڭ دۈم كۆمتۈرۈلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 79 ئادەم قازا قىلدى.

مىۋانزا رايونى كومىسسارى جون مونگېلا تۈنۈگۈن كەچتە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەدە 33 ئادەمنىڭ قۇتقۇزۇپ قېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ ئېشىش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرلىقىنى ئېتقان مونگېلا: كېمىدە قانچىلىك يولۇچى بارلىقىنى مەنمۇ بىلمەيمەن، بىز ھازىرچە يولۇچىلارنى قۇتقۇزۇشقا مەركەزلەشتۇق، دېدى.

ھەر كۈنى يۈزلەرچە يولۇچى ئېلىپ ماڭىدىغان دېڭىز قاتناش ۋاستىلىرى بۇرۇنمۇ نۇرغۇن پاجىئەنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.

1996-يىلى 800دىن ئارتۇق كىشى ۋىكتورىيە كۆلىدە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەدە، تەخمىنەن 200 كىشى زانزىبارغا يېقىن جايدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە قازا قىلغانىدى.


خەتكۈچ: #تانزانىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر