پومپېيو كورېيە رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو كورېيە رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى توغرىسىدا توختىلىپ، ئامېرىكانىڭ ئېلىنغان قارارلاردىن كېيىن، جىددىي تۈردە ئامېرىكا-شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلىرىنى ئۆزگەرتىش ئۇچرىشىشلىرى ئۈچۈن تەييارلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن ۋە جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائېننىڭ ئۇچرىشىشى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ باياناتىدا، ئۇچرىشىشنىڭ نەتىجىسىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«بۈگۈن (19-سېنتەبىر) ئەتىگەن مەنسەپدېشىم رى يوڭھودىن كېلەر ھەپتە نىيۇ يوركتا ئېچىلىدىغان ب د ت يىغىنىدا كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلدىم. يەنە، شىمالىي كورېيە رەھبەرلىرىنى پات ئارىدا ئامېرىكانىڭ شىمالىي كورېيە ئالاھىدە ۋەكىلى ستېفىن بىيېگۇن بىلەن ئاۋستىرىيە پايتەختى ۋىيېننادا كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلدۇق. بۇ مۇساپە 2021-يىلى يانۋاردا ئاخىرلىشىشى پىلان قىلىنغان كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن تازىلاش نامى بىلەن، ئامېرىكا-شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن مۇھىم باشلانغۇچتىن بېشارەت بېرىدۇ» دېدى.
پىيوڭياڭدا بىر يەرگە جەم بولغان شىمالىي ۋە جەنۇبىي كورېيە رەھبەرلىرى يوشۇرۇن خەۋپ ۋە قىيىنچىلىقلار بار بولسىمۇ، تىنچلىق ھەمدە پاراۋانلىق ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائېن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن ئوتتۇرىدا ئىشەنچ ۋە دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تىنچلىق ۋە يادرو قوراللىرىنى يوقىتىش مۇساپىسى يېڭى باشلاندى. ھېچكىم تەجرىبە قىلىپ باقمىغان كېلەچەك يارىتالىشىمىز مۇمكىن» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

پاكىستان: قاراباغ ئەزەربەيجاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق زېمىنى
پاكىستان قاراباغنى ئەزەربەيجاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق زېمىنى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.