ئىراقتا ساقچىلار ئاپتوبۇسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئىراقتا ساقچىلار ئولتۇرغان ئاپتوبۇس ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا يولغا كۆمۈپ قويۇلغان بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە 1 سى ساقچى بولۇپ، 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 15 ساقچى يارىلاندى.

1052493
ئىراقتا ساقچىلار ئاپتوبۇسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەترەت باشلىقى ھامىد ئەلئۇبەيدىنىڭ ئېيتىشىچە، كەركۈك – باغداد ئوتتۇرىسىدىكى تاش يولغا ئىلگىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش تەرىپىدىن كۆمۈپ قويۇلغان پارتلاتقۇچنىڭ ساقچىلار ئولتۇرغان ئاپتوبۇسنىڭ ئۆتۈشى جەريانىدا پارتلىشى نەتىجىسىدە  1 سى ساقچى بولۇپ، 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 15 ساقچى يارىلانغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىراقتا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن «ئۆلۈملۈك ئۈچ بۈرجەك» دەپ ئاتىلىدىغان كەركۈك – سالاھىدىن – دىيالە ۋىلايەتلىرى ئوتتۇرىسىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش پات - پات پۇقرالار ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلىدىكەن.

ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى 2017 – يىلى دېكابىردا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئىراقتىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىگە خاتىمە بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر