ئامېرىكا ئاۋىياماتكىسى ئاقدېڭىزدا...

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىر ئاۋىياماتكىسى «ئىتتىپاقداشلار ۋە شېرىكلەرگە ياردەم بېرىش» ئۈچۈن ئاقدېڭىزغا كىردى.

1052412
ئامېرىكا ئاۋىياماتكىسى ئاقدېڭىزدا...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى، USS Harry Truman ناملىق ئاۋىياماتكا ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇۋاتقان ھۇجۇمچىلار ئەترىتىنىڭ ئاقدېڭىزدىكى 6 – فىلو ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان رايوندا ھەربىي ھەرىكەت باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ھەربىي ھەرىكەتنىڭ «ناتو ئىتتىپاقداشلىرىغا، ياۋروپا ۋە ئافرىقىدىكى شېرىك دۆلەتلەرگە، ئىتتىپاقداش كۈچلەرگە ياردەم بېرىش ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ياۋروپا ۋە ئافرىقىدىكى دۆلەت خەۋپسىزلىك مەنپەئەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش» مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

6 – فىلو قوماندانى لىسا فرانچېتتې، USS Harry Truman ناملىق ئاۋىياماتكىنىڭ ئاقدېڭىزدا تۇرۇش جەريانىدا بارلىق تۈرلەردىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئورۇنداشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر