ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جەنۇبىي زەھران ۋىلايىتىگە راكېتامىيوت قويۇپ بەردى

يەمەن تەرەپتىن قويۇپ بېرىلگەن راكېتامىيوت سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جەنۇبىي زەھران ۋىلايىتىدىكى بىر جامەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى بىنالارغا زىيان يەتكۈزدى.

1052400
ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جەنۇبىي زەھران ۋىلايىتىگە راكېتامىيوت قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – سپانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ، ئىران ھىمايىسىدىكى ھۇسىيلارنىڭ يەمەن تەرەپتىن ئاتقان بىر راكېتامىيوتىنىڭ جەنۇبىي زەھران ۋىلايىتىگە قاراشلىق بىر يېزىغا چۈشكەنلىكى توغرىسىدا ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالغان.

راكېتامىيوت چۈشكەن جايدىكى بىر جامە، بىر ئۆي ۋە بىر قۇدۇقنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى قەيت قىلىنغان خەۋەردە، ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكى، قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ كېرەكلىك تەدبىرلەرنى يولغا قويغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، ۋەقەنىڭ باشقا تەپسىلاتلىرىغا ئورۇن بېرىلمىدى.

يەمەندىكى قانۇنلۇق ھۆكۈمەتكە قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن ھۇسىيلار، 2014 – يىلىنىڭ سېنتەبىر ئېيىدىن بۇيان پايتەخت سەنئا (سانا) قاتارلىق بەزى رايونلارنى كونترول قىلىپ كەلمەكتە. سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەر، 2015 – يىلى مارتتىن بۇيان ھۇسىيلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنى قوللاپ كەلمەكتە.

ھۇسىيلار، پات - پات سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەمەن چېگراسىغا يېقىن زەھران، نەجران ۋە جازان شەھەرلىرىگە راكېتامىيوت، سكۇد ۋە باشقا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئېتىپ ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. مەزكۇر ھۇجۇملار ئاساسەن دېگۈدەك ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى تەرىپىدىن ھاۋادا تۇرغۇزۇپلا بىر تەرەپ قىلىنسىمۇ، بەزىدە ئادەم ئۆلۈش ۋە ماددىي زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر