ئىسرائىلىيە سۈرىيەدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلارنىڭ فوتو - سۈرەتلىرىنى تارقاتتى

ئىسرائىلىيە، سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىقتىكى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلارنىڭ سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارتىلغان فوتو – سۈرەتلىرىنى تارقاتتى.

1051680
ئىسرائىلىيە سۈرىيەدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلارنىڭ فوتو - سۈرەتلىرىنى تارقاتتى
suriye uydu foto.jpg
sam havalimani uydu foto.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى، دەمەشىق ئايرودۇرۇمى ۋە ھاكىمىيەتكە تەۋە بىر ھەربىي بازىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارتىلغان فوتو – سۈرەتلىرىنى تاراتقۇلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

مىنىستىرلىقتىن تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، فوتو – سۈرەتلەرنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ «Ofek 11» ناملىق ئىستىخبارات سۈنئىي ھەمراھى تەرىپىدىن تارتىلغانلىقى قەيت قىلىندى ۋە «بۇ فوتو – سۈرەتلەر OFC 1 ناملىق ئىسرائىلىيەنىڭ تۇنجى سۈنئىي ھەمراھى قويۇپ بېرىلگەنلىكىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىدا، ئەسەد ھاكىمىيىتىگە نىسبەتەن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە رايونلارنىڭ سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارتىلغان فوتو – سۈرەتلىرىنىڭ تېل ئاۋىۋ دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىشىغا ئىسرائىلىيەنىڭ «تاكتىكىلىق تەھدىتى» دەپ باھا بېرىلدى.

ئىزچىل ھالدا ئىراننىڭ سۈرىيەگە ئورۇنلىشىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقان ئىسرائىلىيەلىك ئەمەلدارلار، تېل ئاۋىۋنىڭ سۈرىيەدىكى ئىران مەۋجۇدىيىتىگە قارشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىسمى ئاشكارىلانمىغان بىر ئەمەلدارى يېقىندا مەھەللىي تاراتقۇلارغا بايانات بېرىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ يېقىنقى 18 ئاي ئىچىدە سۈرىيەدىكى ئىرانغا تەۋە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 200 دىن ئارتۇق نىشانغا زەربە بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر