ئامېرىكا رۇسىيەنى ب د ت نىڭ شىمالىي كورېيە ئېمبارگولىرىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى، ب د ت نىڭ شىمالىي كورېيەگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولىرىغا خىلاپلىق قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئامېرىكىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن يىغىن چاقىردى.

1051496
ئامېرىكا رۇسىيەنى ب د ت نىڭ شىمالىي كورېيە ئېمبارگولىرىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىككى ھېلېي، رۇسىيەنى ب د ت نىڭ شىمالىي كورېيەگە يۈرگۈزگەن ئېمبارگولىرىغا «سىستېمىلىق ھالدا خىلاپلىق قىلىش» ۋە «خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇش» بىلەن ئەيىبلىدى.

ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى، ب د ت نىڭ شىمالىي كورېيەگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولىرىغا خىلاپلىق قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئامېرىكىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن يىغىن چاقىردى.

شىمالىي كورېيەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنى يۇمشىتىشنى تەلەپ قىلغان رۇسىيەنى قاتتىق ئەيىبلىگەن نىككى ھېلېي، «شىمالىي كورېيە ئېمبارگولىرىنى 11 قېتىم قوللىغان رۇسىيە، ئەمدى نېمىشقا يالتىيىدۇ؟ جاۋابىنى بىلىمىز، چۈنكى رۇسىيە ھىيلە ئىشلەتمەكتە ۋە تۇتۇلۇپ قالدى. بىر قېتىملا ئەمەس، رۇسىيەنىڭ خىلاپلىق قىلمىشلىرى سىستېمىلىق» دېدى.

رۇسىيەنى مەيلى ئۆزىنىڭ بولسۇن، مەيلى باشقا دۆلەتلەرنىڭ خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى بولسۇن، يوشۇرۇش بىلەن ئەيىبلىگەن ھېلېي، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قولىدا رۇسىيەنىڭ ئېمبارگولارغا ئىزچىل خىلاپلىق قىلىپ كەلگەنلىكىگە دائىر پاكىت بار» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ب د ت ئېمبارگولىرىغا قارىماي، رۇسىيە نېفىت پاراخوتلىرىدىن بۇ يىل كەم دېگەندە 148 قېتىم شىمالىي كورېيە پاراخوتلىرىغا قانۇنسىز رەۋىشتە نېفىت مەھسۇلاتلىرى يۆتكەلگەنلىكىنى، شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 8 ئېيىدا 800 مىڭ ۋارىل نېفىت تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھېلېي، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «رۇسىيەنىڭ يولسىزلىقى باكتېرىيەگە ئوخشاش بولۇپ، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قورالسىزلىنىشى يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىمىزغا توسقۇنلۇق پەيدا قىلماقتا» دېدى.

ئۇ تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا، رۇسىيەنى شىمالىي كورېيە ئېمبارگولىرىنى نازارەت قىلىدىغان مۇستەقىل مۇتەخەسسىسلەر تەييارلىغان دوكلاتقا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈشى ئۈچۈن، ھەيئەتكە بېسىم ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلىدى.

رۇسىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ۋاسسىلىي نېبېنزىئا بولسا، كېڭەشتە سۆز قىلىپ، ئامېرىكىلىق مەنسەپدېشى نىككى ھېلېينىڭ رۇسىيەنىڭ شىمالىي كورېيە ئېمبارگولىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى.

رۇسىيەنىڭ شىمالىي كورېيە ئېمبارگولىرىنى نازارەت قىلىدىغان مۇستەقىل مۇتەخەسسىسلەر تەييارلىغان دوكلاتقا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈشى ئۈچۈن ھەيئەتكە بېسىم ئىشلەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنىمۇ رەت قىلغان ۋە ئامېرىكىدىن دوكلات توغرىسىدا تېخىمۇ ئەتراپلىق مەلۇمات تەلەپ قىلغان بولۇشلىرىغا قارىماي، تەلەپلىرىنىڭ جاۋابسىز قالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋاسسىلىي نېبېنزىئا، «كىم خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ۋە ھىيلە ئىشلىتىشكە تىرىشماقتا؟ دوكلاتنى تەييارلىغان مۇتەخەسسىسلەر ۋاشىنگتون پىكىرىنىڭ ئەسىرى» دېدى.

ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قورالىسزلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە پيوڭياڭ بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىككى تەرەپ سۆھبەتلىرى توغرىسىدىمۇ توختالغان ۋاسسىلىي نېبېنزىئا، «شىمالىي كورېيەدىن يادرو قورالسىزلىنىش بەدىلىگە بوش ۋەدىلەرنى قوبۇل قىلىشى تەلەپ قىلىنماقتا. سۆھبەت مۇساپىسى ئىككى يۆنىلىشلىك بىر كوچا. تەلەپلىرىڭىز ئورۇندالغىنىدا ھېچبىر نەرسە بەرمىسىڭىز، بۇ كېلىشىمنى ھاسىل قىلىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس. ئېمبارگولار دىپلوماتىيەنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

خىتاينىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى ما  بولسا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنى توختىتىپ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن دىيالوگ ئورناتقان شىمالىي كورېيەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ يەڭگىللىتىشى توغرىسىدىكى تەلەپنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر