رۇسىيە: ئايروپىلانىمىز « S-200 » ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىسى تەرىپىدىن چۈشۈرۈۋېتىلدى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاقدېڭىز ئۈستىدە يوقاپ كەتكەن « Il-20» تىپلىق ھەربىي ئايروپىلاننىڭ سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ « S-200 » ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىسى تەرىپىدىن ئېتىلغان بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1051857
رۇسىيە: ئايروپىلانىمىز « S-200 » ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىسى تەرىپىدىن چۈشۈرۈۋېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىرلىق تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سۈرىيەدىكى ھۇمەيمىم ھەربىي بازىسىغا قايتىشى جەريانىدا ئاقدېڭىز ئۈستىدە راداردىن چىقىپ كەتكەن ۋە 14 ھەربىي ئولتۇرغان « Il-20» تىپلىق ھەربىي ئايروپىلاننىڭ سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ « S-200 » ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىسى تەرىپىدىن ئېتىلغان بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكى، ئىسرائىلىيەلىك ئۇچقۇچىلارنىڭ ئايروپىلاننى سۈرىيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىلىرى بار رايونغا ئېلىپ بېرىپ، قىالغان سۈپىتىدە ئىشلەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىگور كوناشېنكوۋ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «< Il-20> تىپلىق ئايروپىلانىمىز سۈرىيە ئارمىيەسىگە ئائىت « S-200 » ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىسى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلدى» دېدى.

ئايروپىلاننىڭ ئىسرائىلىيەلىك ئۇچقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى سەۋەبىدىن چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى قەيت قىلغان كوناشېنكوۋ، «ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ئىغۋاگەرلىكىنى بىزگە قىلىنغان دۈشمەنلىك دەپ قارايمىز. ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى سەۋەبىدىن 14 رۇس ئەسكىرى ئۆلدى. بۇ رۇسىيە – ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ روھىغا خىلاپ» دېدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا،  ، 14 ھەربىي ئولتۇرغان « Il-20» تىپلىق ھەربىي ئايروپىلاننىڭ رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھۇمەيمىم ھەربىي بازىسىغا قايتىشى جەريانىدا ئاقدېڭىز ئۈستىدە راداردىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى ھەمدە ئايروپىلاننىڭ ئىسرائىلىيەگە ئائىت « F-16 » تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ سۈرىيەنىڭ لازقىيە شەھىرىدە ئېلىپ بارغان ھۇجۇمى جەريانىدا يوقاپ كەتكەنلىكى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر