ماتتىسنىڭ، ۋاشىنگتوننىڭ تەيۋەن توغرىسىدىكى تەلىپىنى رەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمس ماتتىسنىڭ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تەيۋەنگە قۇرغان دىپلوماتىك ئورۇننى قوغداشقا ئەسكەر ئاجرىتىشى توغرىسىدىكى تەلىپىنى رەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1051623
ماتتىسنىڭ، ۋاشىنگتوننىڭ تەيۋەن توغرىسىدىكى تەلىپىنى رەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا س ن ن قانىلىنىڭ ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلارنى مەنبە قىلغان ھالدا بەرگەن خەۋىرىدە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تەيۋەننىڭ پايتەختى تايبىدا ئاچقان دىپلوماتىك ئورنى ئۈچۈن مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن ئەسكەر تەلەپ قىلغانلىقى، بىراق ماتتىسنىڭ بۇ تەلەپنى رەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

پېنتاگوننىڭ بىر ئەمەلدارى س ن ن نىڭ سوئالىرىغا جاۋاب بېرىپ، دېڭىز پىيادىلىرى قارمىقىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ ئالدىمىزدىكى ئاي تەيۋەنگە بېرىشى پىلانلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، ماتتىسنىڭ قارارىنىڭ مىنىستىرلىقتا تەئەججۈپلىنىش پەيدا قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بۇ ئىش، بىر تەرەپتە ماتتىسنىڭ رەت قىلىش قارارىنىڭ پەردە ئارقىسىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تەيۋەننى دۆلەت، دەپ ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنىڭ ياتىدىغانلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلىشىگە، يەنە بىر تەرەپتە، مىنىستىر ماتتىسنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدە ترامپ دائىرىلىرى بىلەن زىت قاراشتا ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئانالىزلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىيۇن ئېيىدا تەيۋەندە ئاچقان دىپلوماتىيە ئىشلىرى مەركىزىدە 450 ئادەمنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر