ئېفىيوپىيە بىلەن ئېرىترېيە تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

ئېفىيوپىيە پىرېزىدېنتى ئابىي ئەھمەد بىلەن ئېرىترېيە پىرېزىدېنتى ئىسائىئاس ئافېۋېركى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

1050583
ئېفىيوپىيە بىلەن ئېرىترېيە تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – سپانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئېفىيوپىيە پىرېزىدېنتى ئابىي ئەھمەد بىلەن ئېرىترېيە پىرېزىدېنتى ئىسائىئاس ئافېۋېركى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ئال سۇئۇدنىڭ ساھىبخانلىقىدا جىددە شەھىرىدە ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان؛ پادىشاھ سەلمان ئىككى پىرېزىدېنتقا «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز مېدالى» تەقدىم قىلغان.

ئىمزا مۇراسىمىغا سەئۇدى ئەرەبىستان سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى، باش مىنىستىر ياردەمچىسى ۋە مۇداپىئە مىنىستىرى مۇھەممەد بىن سەلمان ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھ بىن زايىد ئال نەھيان قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلدى.

ئېفىيوپىيە ۋە ئېرىترېيە پىرېزىدېنتلىرىنىڭ ئىيۇل ئېيىدىكى ئۆزئارا زىيارەتلىرىدىن كېيىن، تەرەپلەر ئارىسىدىكى سوغۇقچىلىق تۈگەپ، ئورتاق تىنچلىق ۋە دوستلۇق خىتابنامىسى ئىمزالىغانىدى.

ئىككى دۆلەت، تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن ئۆزئارا ئەلچىخانىلارنى قايتىدىن ئېچىشنى قارار قىلغانىدى.

ئېرىترېيە 1993 – يىلى ئېفىيوپىيەدىن مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن باش كۆتۈرگەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا كېلىشمەسلىكى تۈپەيلى يۈز بەرگەن 1998 – 2000 – يىللاردىكى ئۇرۇشتا ئون مىڭلارچە ئادەم جېنىدىن ئايرىلغانىدى.

2000- يىلى ئالجىرىيەدە كېلىشىم ئىمزالانغان بولسىمۇ، ئېفىيوپىيە بەزى دەتالاشلىق جايلاردىن چېكىنىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى سۈركىلىش ئىزچىللىقىنى ساقلاپ كەلگەنىدى.

بۇ جەرياندا ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس، ئېفىيوپىيە بىلەن ئېرىترېيە ئارىسىدا ئىمزالانغان تىنچلىق كېلىشىمىگە «تارىخىي ھادىسە» ۋە «تىنچلىقنىڭ ئۈمىد پەنجىرىسى» دەپ باھا بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر