تالىبان ساقچى مەركىزىگە ھۇجۇم قىلدى
تالىباننىڭ ئافغانىستاننىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان بادگىس ۋىلايىتىدىكى بىر ساقچى مەركىزىگە قىلغان ھۇجۇمىدا 5 ساقچى جېنىدىن ئايرىلدى.
1050971
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بادگىس ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى نەقىبۇللاھ ئەمىنى، تالىبان ئەزالىرىنىڭ بادگىسنىڭ باند سابزى رايونىدىكى بىر ساقچى مەركىزىگە قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 5 ساقچىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 22 تالىباننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، كۆپ ساندا تېرروچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
تالىباننىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا بولسا، ۋەقەدە 5 ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكى، 7 ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقى، 2 ساقچىنىڭ ئەسىرگە ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.