فىلىپپىندىكى ماڭخۇت دېڭىز بورىنىدا 28 ئادەم قازا قىلدى

فىلىپپىنىڭ شىمالىي دېڭىز ساھىلىدا تۈنۈگۈن ئەتىگەندىن تارتىپ كۈچىنى كۆرسىتىشكە باشلىغان ماڭخۇت دېڭىز بورىنىدا قازا قىلغانلار سانى 28 گە يەتتى.

1050335
فىلىپپىندىكى ماڭخۇت دېڭىز بورىنىدا 28  ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى مۇدىرى ئوسكار ئالبايالدې، ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بوران پەيدا قىلغان تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ بىخەتەر جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

250 مىڭغا يېقىن ئادەمنىڭ بۇ قېتىمقى ماڭخۇت دېڭىز بورىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

سائەتلىك سۈرئىتى 100 كىلومېتىرغىچە تۆۋەنلىگەن بوراننىڭ فىلىپپىندىكى تەسىرىنى يوقىتىپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي قىسمى ۋە خوڭكوڭغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھاۋايدىكى ئورتاق دېڭىز بورىنى ئاگاھلاندۇرۇش مەركىزى، تىنچ ئوكياننىڭ شىمالىدا ئوتتۇرىغا چىققان بوراننىڭ 5 – كاتېگورىيە كۈچىدىكى «پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك بوران» غا ئايلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر