نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

نىگېرىيەدە بىر تۈركۈم قوراللىق كىشى كىنوخانىغا مېڭىۋاتقان كىشىلەرنى ئوققا تۇتۇپ نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

1049264
نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 11 ئادەم ئۆلدى.

نىگېرىيە تاراتقۇلىرىدا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە، زامپارا ۋىلايىتىگە قاراشلىق باداراۋا يېزىسىدا سالاھىيىتى نامەلۇم كىشىلەرنىڭ ئۈستى ئوچۇق كىنوخانىغا مېڭىۋاتقان كىشىلەرنى ئوققا تۇتقانلىقلىرى بىلدۈرۈلدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ھۇجۇمدا 11 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ 20دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.

بۇ يىل يانۋاردىن بۇيان زامپارا ۋىلايىتىدە مەيدانغا كەلگەن قوراللىق ھۇجۇملاردا تەخمىنەن 400  ئادەم ئۆلۈپ مىڭلارچە ئادەم ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى.


خەتكۈچ: #نېگىرىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر