ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئېمبارگولارنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە تەھدىت سالغۇچىلارغا ئالاقىدار ئېبارگو قارارىنىڭ مۇددىتىنى يەنە 6 ئاي ئۇزارتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە تەھدىت سالغان شەخس ۋە ئورگانلارغا قاراتقان ئېبارگو قارارىنىڭ مۇددىتىنى يەنە 6 ئاي ئۇزارتتى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلارغا قارشى يولغا قويۇلغان چەكلەش خاراكتېرلىق تەدبىرلەرنىڭ مۇددىتىنىڭ 2019 – يىلى 15 - مارتقىچە داۋاملىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە تەھدىت سېلىش بىلەن ئەيىبلەپ، 155 كىشى ۋە 44 ئورگانغا مال – مۈلكىنى توڭلىتىپ قويۇش، ساياھەت چەكلىمىلىرى قويۇش قاتارلىق ئېمبارگولارنى يولغا قويغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.