پاكسىتاندىكى بىر كۆمۈر كاندا پارتلاش يۈز بەردى
پاكىستاننىڭ كوھات ناھىيەسىدىكى بىر كۆمۈر كاندا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 6 ئىشچى قازا قىلدى.
1048032
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكسىتاننىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان كوھات ناھىيەسىدىكى بىر كۆمۈر كاندا پارتلاش مەيدانغا كېلىپ 6 ئىشچى قازا قىلدى.
كوھات مۇئاۋىن ناھىيە باشلىقى خالىد ئىلياس كۆمۈر كاندا گاز چىقىپ كېتىش سەۋەبىدىن پارتلاش مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
پارتلاش ئەسناسىدا كۆمۈر كاندىكى 11 ئىشچىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېيتقان ئىلياس، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ 6 كىشىنىڭ جەسىتىنى تاپقانلىقىنى ئېيتتى.
مۇئاۋىن ناھىيە باشلىقى ئىلياس ۋەقەدە يارىلانغانلارنىڭ دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغانلىقىنى، كۆمۈر كانغا قاپسىلىپ قالغانلارنى تېپىش ئۈچۈن ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.