نانگارھاردا مەيدانغا كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 68 گە يەتتى

ئافغانىستاننىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان نانگارھار ۋىلايتىدە تۈنۈگۈن چۈشتە مەيدانغا كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 68 گە يەتكەنلىكى، يارىلانغانلار سانىنىڭ 168 ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1047956
نانگارھاردا مەيدانغا كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 68 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نانگارھار ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىشلىرى مۇدىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئەمانۇللاھ مىياھىل، بىر ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسىنىڭ دېھكائى رايونىدا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈۋاتقانلارنىڭ ئارىسىغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغاندىن كېيىن بەدىنىگە تېڭىۋالغان بومبىنى پارتلاتقانلىقىنى، پارتلاشتا يارىلانغانلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى، ئۆلگەنلەر سانىنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ھازىرچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.

تۈنۈگۈن نانگارھار ۋىلايىتىنىڭ دېھكائى رايونىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر يېزىلىرىدىكى بەزى مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ زومىگەرلىك قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر