مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ مال-مۈلۈكلىرى مۇسادىرە قىلىندى

مىسىردا پىرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسى، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ بەزى مەسئۇللىرى بولۇپ جەمئىي 1589 كىشىنىڭ مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىندى.

1047944
مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ مال-مۈلۈكلىرى مۇسادىرە قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىردا ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشلانغان پىرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسى، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ بەزى مەسئۇللىرى بولۇپ جەمئىي 1589 كىشىنىڭ مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىندى.

مىسىرنىڭ دۆلەت گېزىتلىرىدىن ئەل-ئەھرامنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، «تېررورچى گۇرۇھلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش كومىتېتى»نىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىغا ئەزا 1589 كىشى، 118 شىركەت، 1133 ئاممىۋى تەشكىلات، 104 مەكتەپ، 69 دوختۇرخانا، 33 ئىنتېرنېت تور بېتى ۋە تېلېۋىزىيە قانىلى قاتارلىق ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.  

خەۋەردە مۇسادىرە قىلىنغان مال-مۈلۈكلەرنىڭ خەزىنە ئىشلىرى ئىدارىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

مال-مۈلۈكلىرى مۇسادىرە قىلىنغانلار ئىچىدە مۇرسى ۋە ئائىلىسىدىن سىرت مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى رەھبەرلىك ھەيئىتى باشلىقى مۇھەممەد بەدىئى، رەھبەرلىك ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھايرات شاتىر، دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار ئىتتىپاقى رەئىسى يۇسۇف ئەل قاراداۋى، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى مەسئۇللىرىدىن مۇھەممەد ئەل بىلتاجى ۋە سائاد ئەل قەتانىغا ئوخشاش شەخسلەرمۇ بار.

مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى مەسئۇللىرى مال-مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلغان «مىسىر تېررورچى گۇرۇھلارنىڭ مال-مۈلۈكلرىىنى بىر تەرەپ قىلىش كومىتېتى»نىڭ قانۇنلۇق سالاھيىتىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشكەندىن سىرت، ئۆزلىرىگە قارىتىلغان  بارلىق ئەيىبلەشلىرىمۇ رەت قىلىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر