ئامېرىكا مىسىرغا «ساخاۋەت» قوللىرىنى ئۇزاتتى

ئامېرىكا خەلقئارا تەرەققىيات ئاگېنتلىقى مىسىرنىڭ جەنۇبىدىكى ۋىلايەتلەرنىڭ ئۇل-ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى ئۈچۈن 65 مىليون دوللار ياردەم قىلىدۇ.

1047113
ئامېرىكا مىسىرغا «ساخاۋەت» قوللىرىنى ئۇزاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا خەلقئارا تەرەققىيات ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن مىسىرغا 65 مىليون دوللار ياردەم قىلىنىدۇ.

مىسىر سېلىنما ۋە خەلقئارا ياردەملىشىش مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 65 مىليون دوللارنىڭ مىسىرنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان 7 ۋىلايەتنىڭ ئۇل-ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى ۋە سەھىيە خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىمنى مىسىر سېلىنما ۋە خەلقئارا ياردەملىشىش مىنىستىرى ساھار ناسىر قاھىرىدە ئىمزالىدى.

مىنىستىر ناسىر مەزكۇر كېلىشىمنى مسىىر بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى «ئىستىراتېگىيەلىك ئىتتىپاقداشلىق ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭ ئىسپاتى»دەپ تەرىپلىدى.

كارلىن ئامېرىكا خەلقئارا تەرەققىيات ئاگېنتلىقىنىڭ مسىردا سەھىيە، مائارىپ ۋە ئىگىلىكنى قوللاش ئۈچۈن 30 مىليارد دوللارلىق خىزمەت لايىھەسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا  ياردەم قىلىدىغان 65 مىليون دوللارنىڭ « مىسىرنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئاسيوت، گىنا، ئاسۋان، بېنى سۇۋەيش ۋە مىنيە قاتارلىق ۋىلايەتلەرگە ئىشلىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر