ترامپنىڭ شىمالىي كورېيە بىلەن ئۇرۇش چىقىرىشقا سەۋەب بولىدىغان ئۇچۇرى ئاشكارىلاندى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ يازغان تىۋىتتېر ئۇچۇرىنىڭ شىمالىي كورېيە بىلەن ئۇرۇش چىقىرىش خەۋپى بارلىقى سەۋەبىدىن يۇيۇپ تاشلانغانلىقى ئاشكارىلاندى.

1047297
ترامپنىڭ شىمالىي كورېيە بىلەن ئۇرۇش چىقىرىشقا سەۋەب بولىدىغان ئۇچۇرى ئاشكارىلاندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدا «Watergate» شەرمەندىچىلىكىنى ئاشكارىلاپ سابىق پىرېزىدېنت رىچارد نىكسوننىڭ ئىستېپا بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاتاقلىق تەتقىقاتچى ژۇرنالىست بوب رۇدۋارد بۇ قېتىم غەلىتە بىر ئەھۋالنى ئاشكارىلىدى.

 ژۇرنالىست بوب ۋۇدۋاردنىڭ بۇ قېتىم يازغان كىتابى كۈنتەرتىپىكى قىززىق تېمىغا ئايلاندى.

ۋۇدۋارد «CBS» تېلېۋىزىيەسى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە ئاق سارايدا بولۇۋاتقان ئىشلارنى ئاڭلاتتى.

بوب ۋۇدۋاردنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پىرېزىدېنت ترامپ جەنۇبىي كورېيەدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئائىلىلىرىنى ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ كېلىش ھەققىدە بىر ئۇچۇر تەييارلىغان، بىراق ئارقا قاناللار ئارقىلىق يوللانغان ئۇچۇرغا شىمالىي كورېيەدىن كۈتۈلمىگەن دەرىجىدە قاتتىق ئىنكاس قايتۇرغان.

شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى 28 مىڭ كىشىدىن تەشكىل تاپقان ئەسكەر ئائىلىلىرىنىڭ يېرىم ئارالدىن چېكىنىشىنى «ئۇرۇش تەھدىتى» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قاتتىق ئىنكاستىن كېيىن دونالد ترامپ تەرىپىدىن تەييارلانغان ئۇچۇر ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ھەمبەھىرلەشمەستىن يۇيۇپ تاشلاندى. 

ۋۇدۋارد يازغان ۋە ۋاشىنگىتوندا قىززىق نۇقتىغا ئايلانغان كىتابتىكى بەزى يېڭى تەپسىلاتلارمۇ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.

كىتابتا ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورېيەدىن قويۇپ بېرىلىش ئېھتىمالى بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى بىر قانچە سېكۇنت ئىچىدە بايقىيالايدىغان ئىستىخبارات تېخنىكىسىغا ئىگە ئىكەنلىكىگە دائىر باياناتىنى شىمالىي كورېيەنىڭ پىسەنتىگىمۇ ئالمىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ۋۇدۋاردنىڭ كىتابى پىرېزىدېنت ترامپنىڭ پۈتۈن دۆلەتكە نىسبەتەن ھالاكەتكە سەۋەب بولىدىغان تۇترۇقسىز ھەرىكەتلىرىنى كونترول قىلىش ۋە ھالاكەتنى توسۇپ قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكىلەرنىڭ قىلغان مەخپىي غەلىتە ئىشلىرىنى ئۆزىگە مەزمۇن قىلىدۇ. 

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن 2017يىلى 19سىنتەبىردە بىر - بىرىگە تەھدىت سېلىش ئارقىلىق يېرىكچىلىكلەرنى بولۇشىغا كۈچەيتكەن بولۇپ، 2018يىلى 12ئىيۇندا سىنگاپوردا ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشى ۋە يادرو قورالسىزلاشتۇرۇش مەسلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلەر نورماللىشىشقا باشلىغان ئىدى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر