ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا يەنە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان تېننېسسې ئىشتاتىنىڭ مېمفىس شەھىرىدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى
1046630
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان تېننېسسې ئىشتاتىنىڭ مېمفىس شەھىرىدىكى بىر كېچىلىك كۇلۇبقا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا 4 كىشى يارىلاندى.
ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكى، ساقچىلارنىڭ ۋەقەگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئۆتكەن ئاي فىلورىدا ئىشتاتىدىكى بىر كومپىيوتېر ئويۇنى مۇسابىقىسى ئەسناسىدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ، 2 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغانىدى.