ئامېرىكىنىڭ پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئىشخانىسىنى تاقىۋېتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

دونالد ترامپ دائىرىلىرىنىڭ، پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئىشخانىسىنى بۈگۈن ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ تاقىۋېتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1046342
ئامېرىكىنىڭ پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئىشخانىسىنى تاقىۋېتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدا چىقىدىغان ۋالل سىترىت جورنال گېزىتىنىڭ ئاقسارايدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى مەنبە قىلىپ بەرگەن خەۋىرىدە، ئۇقتۇرۇشنى ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون بولتوننىڭ ئېلان قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە، بولتوننىڭ پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىغا ئالاقىدار باياناتىنىڭ لايىھە تېكىستىدىكى ئىبارىلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا بولتوننىڭ «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، دوست ۋە ئىتتىپاقدېشىمىز ئىسرائىلىيە بىلەن ھەردائىم يانمۇيان تۇرماقتا. پەلەستىنلىكلەر، ئىسرائىلىيە بىلەن بىۋاسىتە ۋە ئۈنۈملۈك سۆھبەتلەرنى باشلاشنى رەت قىلىۋاتقانىكەن، ترامپ رەھبەرلىكى بۇ ئىشخانىنى ئوچۇق تۇتمايدۇ» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلىتىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

بولتوننىڭ باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىسرائىلىيە ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلىغان تەقدىردە، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش توغرىسىدا قارار چىقىرىشلىرىنىڭ مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىندى.

ئامېرىكا دائىرىلىرى يېقىندا ب د ت پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىش ئورگىنىغا بېرىۋاتقان مالىيە ياردەملىرىنى پۈتۈنلەي توختىتىۋېتىشنى قارار قىلغانىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆتكەن ھەپتىدىكى بىر باياناتىدا، پەلەستىن دائىرىلىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈشى ئاستىدا ئىسرائىلىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىشنى قوبۇل قىلغۇچە پەلەستىنگە ئىقتىسادىي ياردەم بەرمەيدىغانلىقىنى قەيت قىلغانىدى.

ترامپ دائىرىلىرى، «يۈز يىلنىڭ كېلىشىمى» دەپ ئاتىلىۋاتقان ئىسرائىلىيە – پەلەستىن مەسىلىسىگە چارە تېپىشنى نىشان قىلغان بىر پىلان ئۈستىدە باش قاتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن، پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس پىلانغا «يۈز يىلنىڭ مۇشتى» دەپ باھا بەرگەن ۋە ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر