سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ئەسەد بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى

ئىدلىبتىكى سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ئەسەدكە تەۋە ھەربىي بازىلارغا راكتېامىيوت ئاتتى.

1046208
سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ئەسەد بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى ئۆكتىچىلەر ئەسەد ھاكىمىيىتىگە تەۋە ھەربىي بازىلارغا راكېتامىيوت ئاتتى.

ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: «ئەسەد قىسىملىرى ئىدلىبتىكى يەرلىك خەلققە ھۇجۇم قوزغىدى، بىز ھاما ۋىلايىتىدىكى ئەسەدكە تەۋە ھەربىي بازىغا راكېتامىيوت ئاتتۇق.»

ئەسەد ھاكىمىيىتى بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئىدلىب ۋىلايىتىگە ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قوزغاپ كەلمەكتە. بۇ جەرياندا 29 ئادەم ئۆلۈپ 58 ئادەم يارىلاندى، بىر ئاممىۋى مۇداپىئە مەركىزى بىلەن ئىككى دوختۇرخانا ۋەيران بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر