دۇنيا تاراتقۇلىرى تېھران باشلىقلار يىغىنىنى يېقىندىن كۆزەتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرى توغرىسىدىكى «ئىنسانىي كىرىزىس ئاگاھلاندۇرۇشى» دۇنيا تاراتقۇلىرىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.

1045910
دۇنيا تاراتقۇلىرى تېھران باشلىقلار يىغىنىنى يېقىندىن كۆزەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ 7 – سېنتەبىردە ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا چاقىرىلغان تۈركىيە – ئىران – رۇسىيە ئۈچ تەرەپ باشلىقلىلار يىغىنىدىكى «ئىدلىبنىڭ قان كۆلىگە ئايلىنىشىنى خالىمايمىز. بىر ئۇرۇش توختىتىشقا قاراپ قەدەم تاشلاش ناھايىتى پايدىلىقتۇر» دېگەن سۆزلىرى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.

تۈركىيەنىڭ ئىنسانىي پوزىتسىيەسى ھەم غەرب ھەم ئەرەب تاراتقۇلىرىدا كەڭ ئورۇن ئالدى؛ ئامېرىكىدا چىقىدىغان ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ «ئىدلىبقا ھۇجۇم قىلىش پاجىئە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ» دېگەن سۆزلىرىگە ئورۇن بەردى.

رويتېرز خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئەردوغاننىڭ «ئۆلۈملەرگە بىر بولۇڭدا قاراپ تۇرمايمىز» دېگەن سۆزلىرىنى باش ماۋزۇ قىلغان بولسا، ب ب س قانىلى «ئىدلىبنىڭ قان كۆلى بولۇشىنى خالىمايمىز» دېگەن سۆزلىرىگە ئورۇن بەردى.

ئەنگلىيەنىڭ سكاي نيۇز تېلېۋىزىيەسى، ئىدلىبتە يۈز بەرگۈسى ئىشلاردىن ئەڭ كۆپ ئەندىشە قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن بىرىنىڭ تۈركىيە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى؛ تۈركىيەنىڭ ھازىرغىچە مىليونلارچە مۇساپىرنى قوبۇل قىلغانلىقى ئەسلىتىپ ئۆتۈلگەن خەۋەردە، ئەنقەرەنىڭ ئىدلىبتىن يېڭى بىر مۇساپىرلار دولقۇنىنىڭ كېلىشىنى خالىمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان لې موندې گېزىتى، «تېھران باشلىقلار يىغىنىنىڭ مەغلۇب بولۇشىدىن كېيىن، ئىدلىبتە تەتۇر ساناق باشلاندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «Deutschlandfunk»  گېزىتىمۇ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ۋە سۈرىيە ھاكىمىيىتى ئىدلىبقا ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە، رايوننىڭ قان كۆلىگە ئايلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى يازدى.

گوللاندىيە مېدىيا ئورگىنى – نوس بولسا، ئىران بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىدلىبنى فەتھى قىلىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت ئىشىكلىرىنى ئوچۇق قالدۇرغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ بولسا، ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە مېدىيا ئورگىنى سپۇتنىك بولسا، ئەردوغاننىڭ «مەقسىتىمىز ئىدلىب مەسىلىسىنى ئاستانا روھىغا ئۇيغۇن شەكىلدە تىنچ ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىش» دېگەن سۆزلىرىگە ئورۇن بەردى.

ئەرەب مېدىياسىدا ئەردوغاننىڭ ئىنسانىي كىرىزىس توغرىسىدىكى سۆزلىرى ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئالدى؛ مەركىزى قاتارغا جايلاشقان ئەلجەزىرە قانىلى، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ «ئىدلىبتە پۇت – قولىمىز باغلانغان ھالەتتە تۇرمايمىز» دېگەن سۆزلىرىنى باش ماۋزۇ قىلدى.

ئىراقنىڭ دۆلەتكە قاراشلىق گېزىتى «ساباھ» بولسا، ئەنقەرەنىڭ سىياسىي ۋە جۇغراپىيەلىك مۇقىملىق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغۇچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

لىۋاندا چىقىدىغان «جۇمھۇرىيەت گېزىتى» مۇ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ يېڭى بىر كۆچمەنلەر دولقۇنى توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشىغا ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر