رۇسىيە ئۆزبېكىستاندا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى تەسىس قىلىدۇ
رۇسىيە ئۆزبېكىستاندا ھەر بىرى 1.2 گىگاۋات كېلىدىغان ئىككى مۇئەسسەسەدىن تەشكىل تاپىدىغان يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى تەسىس قىلىدۇ.
1045675
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا، رۇسىيە – ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەتلەر ئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كومىتېتى يىغىنى چاقىرىلدى.
يىغىندىن كېيىن، رۇسىيە باش مىنىستىرى دىمىترى مېدۋېدېۋ بىلەن ئۆزبېكىستان باش مىنىستىرى ئابدۇللاھ ئارىپوۋ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى كېلىشىمىنى ئىمزالىدى.
ئىگىلىنىشىچە، رۇسىيە كېلىشىمگە ئاساسەن ئۆزبېكىستاندا ھەر بىرى 1.2 گىگاۋات كېلىدىغان ئىككى مۇئەسسەسەدىن تەشكىل تاپىدىغان يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى تەسىس قىلىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.