ئىراندا يەر تەۋرەش يۈز بەردى

ئىراننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى سىستان ۋە بەلۇچىستان ئۆلكىسىدە 5.6 بال يەر تەۋرىدى.

1045371
ئىراندا يەر تەۋرەش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېھران ئۇنىۋېرسىتېتى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 10.53 دا سىستان ۋە بەلۇچىستان ئۆلكىسىنىڭ بەزمان ناھىيەسىگە قاراشلىق مەسجىدى ھەزرىتى ئەبۇلفەزل يېزىسىدا 10 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى ھەمدە ئىقتىسادىي زىيان كۆرۈلۈپ كۆرۈلمىگەنلىكى توغرۇلۇق تېخىچە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر