ئامېرىكا: ئىدلىبتا خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىلسە، بىر بولۇڭدا قاراپ ئولتۇرمايمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىككى ھېلېي، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرى خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان تەقدىردە، بىر بولۇڭدا قاراپ ئولتۇرمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1043429
ئامېرىكا: ئىدلىبتا خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىلسە، بىر بولۇڭدا قاراپ ئولتۇرمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سېنتەبىر ئايلىق نۆۋەتچى باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىككى ھېلېي، باش كاتىپلىق بىناسىدا كېڭەشنىڭ خىزمەت جەدۋىلىنى ئېلان قىلدى ۋە مەتبۇئات مەنسۇپلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ، ئەسەد ھاكىمىيىتىنى رۇسىيە تۈنۈگۈن ھاۋا ھۇجۇمى باشلىغان سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە يېڭى بىر خىمىيەلىك قورال ئىشلەتمەسلىك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى؛ رۇسىيەنىڭ ۋە ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمى مەسىلىسىدە ئۆكتىچىلەرنى ئەيىبلەۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھېلېي، «ئەسەد ئۆز خەلقىگە خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلىشتىن ئىلگىرى ھەردائىم دەل مۇشۇ خىل ئۇسۇلدىن پايدىلىنىدۇ. بۇ يەردە، پىرېزىدېنت (دونالد) ترامپنىڭ ئىران، رۇسىيە ۋە ئەسەدكە <ئۇ يەرگە بارماڭلار، بۇنى قوبۇل قىلالمايمىز> دېگەنلىكىنى كۆرۈۋاتىسىلەر. ئۆز خەلقىگە (خىمىيەلىك قورال) ھۇجۇمى قىلالمايدۇ ۋە (ئەگەر شۇنداق قىلىپ قالسا) بىز بۇنى جاۋابسىز قويمايمىز. سۈرىيەدە خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىلسە، بۇنى كىمنىڭ ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىز جەزمەن بىلىمىز» دېدى.

سۈرىيەدە بىر تىراگېدىيەنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە خەلقنىڭ يەتكۈدەك ئازاب – ئۇقۇبەت تارتقانلىقىنى بىلدۈرگەن نىككى ھېلېي، سۈرىيەدە خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىش ئېھتىماللىقى توغرىسىدا سۆزلىشىش ئۈچۈن، جۈمە كۈنى ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە يىغىن چاقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

نىككى ھېلېي، «خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىلگۈچە بولۇڭدا قاراپ تۇرمايمىز. بۇ ھەقتە پىرېزىدېنت (دونالد ترامپ) مۇ جامائەتچىلىك ئالدىدا ئوچۇق سۆز قىلىپ، ئەگەر خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىلسە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى جاۋاب قايتۇرىدۇ، دېمەكچى بولدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، ئىرانغا ئالاقىدار قايغۇلارنىڭ چوڭقۇرلىشىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ دۆلەتنىڭ رايوندا خەۋپ پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «لىۋانغا، يەمەنگە، سۈرىيەگە... پۈتۈن بۇ مەسىلىلەرگە قارىغىنىمىزدا، بىرلا ئورتاق نۇقتىنى كۆرىمىز، (ئۇ بولسىمۇ) ئىران. بۇ مەسىلىمۇ ب د ت دا مۇزاكىرە قىلىنىشى لازىم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر