تۈركىيە بىلەن ئۇكرائىنا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورناتتى
تۈركىيە بىلەن ئۇكرائىنا تۇراقسىز كۆچمەنلىك، ئەتكەسچىلىك، تەبىئىي ئاپەتلەر ۋە كوللېكتىپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىق ئورناتتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىگە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىغا زەربە بېرىشتە قىلغان ياردىمى سەۋەبلىك مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.
پايتەخت ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولىۋاتقان ئۇكرائىنا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئارسېن ئاۋاكوۋ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ بىلەن كۆرۈشتى.
ئىككى مىنىستىر تۈركىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئارىسىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنى مەزمۇن قىلغان كېلىشىمنى ئىمزالىدى.
شۇنداق قىلىپ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تۇراقسىز كۆچمەنلىك، ئەتكەسچىلىك، تەبىئىي ئاپەتلەر ۋە كوللېكتىپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىلدى.
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ مۇنداق دېدى: «ئىككى دۆلەت بىر-بىرىنىڭ تېررورىزىمغا زەربە بېرىش تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىشى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىگە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىغا زەربە بېرىشتە تۈركىيەنى قوللىشى سەۋەبلىك مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز.»
ئۇكرائىنا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئاۋاكوۋمۇ تۈركىيە بىلەن تېررورىزىمغا زەربە بېرىش مەسىلىسىدە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.