ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەنگلىيەنىڭ سودا كېلىشىمى تەكلىپىگە نارازىلىق بىلدۈردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى باش مۇزاكىرىچى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېينىڭ سودا كېلىشىمى تۈزۈش تەكلىپىگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1042051
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەنگلىيەنىڭ سودا كېلىشىمى تەكلىپىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشىغا مەسئۇل باش مۇزاكىرىچى مايكېل بارنېيېر، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېينىڭ سودا كېلىشىمى تەكلىپىگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2019-يىلى 29-مارتتا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن رەسمىي ئايرىلىدىغان ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدا پەيدا بولغان سودا كېلىشىمى سۈركىلىشى داۋاملاشماقتا.

ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى مۇزاكىرىلەر توغرىسىدا بەرگەن باياناتىدا بىريۇسسېلغا قەتئىي تەسلىم بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېيغا، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشىغا مەسئۇل باش مۇزاكىرىچى مايكېل بارنېيېر نارازىلىق بىلدۈردى.

باش مۇزاكىرىچى مايكېل بارنېيېر باش ۋەزىر تېرېسا مېينىڭ ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققاندىن كېيىن سودا كېلىشىمى تۈزۈش پىلانىغا قارشى ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان « فىرانكفۇتېر ئاللگېمېيېين زېيتۇڭ»گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مايكېل بارنېيېر، باش ۋەزىر تېرېسا مېينىڭ پىلانىنىڭ ئورتاق بازار ۋە ياۋروپا لايىھەسىگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

باش مۇزاكىرىچى مۇنداق دېدى: «ئەنگلىيەنىڭ تاللاش يولى بار. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزاسى بولمىغان نورۋېگىيەگە ئوخشاش ئورتاق بازار ئىچىدە قالسا بولىدۇ. لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بارلىق قائىدە-پىرىنسىپلىرىغا رىئايە  قىلىپ، ياۋروپانىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇشى كېرەك. بىز مۇشۇنى تەۋسىيە قىلىمىز، ئەگەر ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى قائىدە-پىرىنسىپلىرىدىن ئۆزىگە پايدىلىقىنى قوبۇل قىلسا بۇنىڭ ئاقىۋىتى ئېغىر بولىدۇ. ئۈچىنچى بىر دۆلەتمۇ ئەنگلىيەگە ئوخشاش قىلىشقا باشلايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر