خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى: ئىران كېلىشىمگە رىئايە قىلدى

خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى ئىراننىڭ «كەڭ دائىرىلىك ھەرىكەت پىلانى» دەپ ئاتالغان «يادرو كېلىشىمى» نىڭ شەرتلىرىگە رىئايە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1040502
خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى: ئىران كېلىشىمگە رىئايە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ ئىراننىڭ يادرو پائالىيەتلىرى توغرۇلۇق ئېلادن قىلغان دوكلاتىدا، تەپتىشلەرنىڭ «يادرو كېلىشىمى» ۋە قوشۇمچە كېلىشىم لايىھەلىرى دائىرىسىدە ئىراندا تەكشۈرۈلۈشكە تېگىشلىك بارلىق مۇئەسسەسەلەرنى تەكشۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

تەپتىشلەرمۇ تېھراننىڭ ئېغىر سۇ ۋە تۆۋەن سەۋىيەدىكى قويۇقلاشتۇرۇلغان ئۇران ئامبارلىرىنىڭ كېلىشىم دائىرىسىدە بەلگىلەنگەن مىقداردا قالغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

ئىران بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 5 دائىمىي ئەزاسى (ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئەنگلىيە، خىتاي، فىرانسىيە ۋە رۇسىيە) بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدا  «كەڭ دائىرىلىك ھەرىكەت پىلانى» دەپ ئاتالغان «يادرو كېلىشىمى»، 2015 – يىلى 14 – ئىيۇن كۈنى ئاۋىستىرىيەنىڭ پايتەختى  ۋىيانادا ئىمزالانغانىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ دۆلىتىنى ئىران بىلەن تۈزۈلگەن «يادرو كېلىشىمى» دىن چېكىندۈرۈپ، تېھرانغا 7 – ئاۋغۇست ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە باشلىغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، «يادرو كېلىشىمى» نى ئىمزالانغان باشقا تەرەپلەر بىلەن ئىران كېلىشىمگە داۋاملىق رىئايە قىلىدىغانلىقلىرىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر